ياپونىيە : خىتاي ھەربىي سېلىنما جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشى كېرەك

30-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى، ھازىر ياپونىيىدە دىپلوماتىك زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، خىتاينى ھەربىي سېلىنما جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشقا داۋاملىق قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن دىپلوماتىيە زىيارىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 29- ئاۋغۇست ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى ياپونىيىگە كەلگەن خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماساخىكو كومۇرا، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن بىلەن، خىتاي ھەربىي پاراخوتىنىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلدى.

ئەمما كومۇرا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنما جەھەتتە ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشتا كونكرېتنى بىر پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كومۇرانىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، كومۇرا: " بىز خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ھەر بىر ئۇچرىشىشىمىزدا، ھەربىي سېلىنما جەھەتتە ئوچۇق- ئاشكارا بولۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا كېلىۋاتىمىز" دېگەن.

خىتاي بۇ يىل مارتتا ئوز ھەربىي ھازىرلىقلار خامچوتىنى 17.8 پىرسەنت يەنى 45 مىليارد دوللار ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىل مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ ئومۇمىي ھەربىي خام چوتى ئۆزى ئېلان قىلغان نىسبەتتىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي ھەربىي خامچوتى جەھەتتە ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يومىئورى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى جەھەتتىكى قەدىمىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى بىر تەبىئىي ئىش ئىكەن. (جۈمە)