ياپونىيە ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى


2004.08.16

تۆت نەپەر ياپونىيە ئىچكى كابىنېت مىنىستىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى توكيودىكى 2 – دۇنيا ئۇرۇشى قۇربانللار قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈردى. ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ تۆت نەپەر مىنىستىرى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ 58 نەپەر ئەزاسى، 8 – ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيەنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغھانلىقىنىڭ 59 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقتىن زىيارەت قىلغان.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كۇيزۇمى يەكشەنبە كۈنكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ياپونىيە خان سارىيىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ياپونىيىنىڭ مەڭگۈ ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقى، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن 2. 5 مىليون ياپونىيىلىكنىڭ خاتىرىسىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 13 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىمۇ مەزكۇر قەبرىستانلىققا كۆمۈلگەنىدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى كوڭ چۇئەن، ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ياپونىيىنىڭ تارىخىي رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى كونكېرت ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق ياپونىيىلىك ئەربابلار، ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇرۇشتا ئۆلگەن پۇقرالارنى خاتىرىلەش دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.