ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
2005.04.19
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەچۈرۈم سورىشىغا ئېرىشەلمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ " خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بېرىقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى" جاكارلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، ماچىمۇرۇ بېيجىڭدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى زاماندا خىتايغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا چوڭقۇر پۇشمان قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دەپ تەكىتلىدى. ئەمما خوڭكوڭدا چىقىدىغان "مىڭباۋ" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار ماچىمۇرۇنىڭ 1998 - يىلى ئىمزالانغان خىتاي - ياپونىيە خىتاپنامىسىدىكى " ياپونىيە خىتايدىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتىگە پۇشمان قىلىدۇ،" دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ئەپۇ سورىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا نامايىشچىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ياپونىيە ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشقان كۈنى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بەزى ۋەتەنپەرۋەر ئەزالار ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ياپونىيىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، 1930 ۋە 40 - يىللاردىكى ياپونىيە ئىشغالىيىتى جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلماقتا
- ياپونىيە-خىتاي رەھبەرلىرى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلالمىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى
- خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار كۆپلىگەن شەھەرلەرگە تارالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى