ياپونىيە ئاساسى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، "قوغدىنىش ئارمىيىسى" قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى سەيشەنبە كۈنى ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ شتاتىنى قوغدىنىش ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېڭى قانۇن لايىھىسى بويىچە 1947 - يىلى تۈزۈلگەن " تىنچلىق ئاساسى قانۇنى" نىڭ 9 - ماددىسىدىكى " ياپونىيە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە باشقا قوراللىق قىسىملارغا ئىگە بولمايدۇ،" دېگەن بەلگىلىمىلەر تىنچلىقنى قوغداش، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەربىي قىسىملار قوغداشنى ئۈسىتىگە ئالىدۇ، باش مىنىستىر ئالى قوماندان بولىدۇ" دەپ ئۆزگەرتىلىدىكەن.

ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلاردىن بولغان دېموكراتلار پارتىيىسى قانۇن لايىھىسىنى قوللىدى. ب ب س نىڭ ئەسكەرتىشىچە، قانۇن لايىھىسى ياپونىيە پارلامېنتىدا تەستىقلىنىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇن لايىھىسى تىنچلىقنى تەكىتلەپ، " ياپونىيە خەلقى ئۇرۇشنىڭ بىر دۆلەتنىڭ دەخلى - تەرۈزسىز ئالى ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايدۇ. تەھدىت ۋە قوراللىق كۈچ خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ،’ دىگەن ماددىلارنى كىرگۈزگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش پىلانى خىتاي بىلەن كورىيىنى بىئارام قىلماقتا. (ئەركىن)