شىنزو ئابې ياپونىيە باش مىنىستىرلىقىغا سايلاندى

ياپونىيىدە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى شىنزو ئابې سەيشەنبە كۈنى كويزۇمىنىڭ ئورنىغا ياپونىيە باش مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. ئابې 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇغۇلغان تۇنجى ياپونىيە باش مىنىستىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شىنزو ئابې باش مىنىستىرلىققا سايلانغاندىن كېيىن ئىچكى كابىنېت تەشكىللەشكە باشلىغان. ئۇ، سايلام رىقابىتىدە ئەگەر باش مىنىستىرلىققا سايلىنىپ قالسا، ياپونىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئابېنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ياپونىيىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، دۈشەنبە كۈنى ئابې باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي - ياپونىيە ئالىي دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش پىلانى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كويزۇمىنىڭ 2005 - يىلى 4 - ئايدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، خىتاي - ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى ھازىرغىچە رەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. (ئەركىن)