ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىسىتىرى بۇلېير ئەپەندى1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ياپونىيە باش مىنىسىتىرى شىنزو ئابې بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ھازىر ياپونىيىنىڭ ب دت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، دېگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىنزو ئابې ھازىر ياپونىيە باش مىنىسىتىرى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇ ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت 4 دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شىمالىي كورىيە ۋە ئىرانغا دائىر يادرو قوراللىرى مەسىلىسى، ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئىسنى ئازايتىش مەسىلىسى، نامرات ئەللەرگە ياردەم بېرىش مەسىلىسى، شەرقى ئاسىيا مەسىلىسى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ قورال يۆتكەشنى مەنئىي قىلىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قالدۇرماسلىق مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (ۋەلى)