ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى ياپونىيە مۇداپىئە نازارىتىنى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. بۇ ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ھازىرقى ياپونىيە دىپلوماتىك سىياسىتى ۋە ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى رولىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارالماقتا.

پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى يەنە مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىم - تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش قانۇنى ماقۇللىغان. شىنزۇ ئابې ياپونىيە مائارىپ سېستىمىسى 1947 - يىلدىن كېيىن "مەنىۋىيەتكە ئېتىبار بېرىش، ئەخلاقىي ۋە ئۆز ‏- ئۆزىنى ئىنتىزامغا كۆندۈرۈش مەسىلىسىگە يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىدى " دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ ئىككى قانۇن ياپونىيىنىڭ خىتايغا ئوخشاش 2 - دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ياپونىيە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. بۇ 2 لايىھە يۇقىرى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن مەزكۇر قانۇن لايىھىسى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا ماقۇللانغان.

مۇداپىئە نازارىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قانۇنى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن. يېڭى قانۇندا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇقلار بېرىلگەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خەلقئارا ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېخىمۇ چوڭ روللارنى ئويناش، خام چوتنى كونترول قىلىش جەھەتلەردە ھوقۇقى كۈچەيتىلدى. (ئەركىن)