ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

ياپونىيە دۈشەنبە كۈنى توكيودا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن قاتناش - ترانسپورت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، تېررور ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو دۈشەنبە كۈنى توكيودا چاقىرىلغان ۋە قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە قازاقىستان ۋەكىلى بىلەن ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، بۇ دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرىقى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى. سۆھبەتكە ئافغانىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. تەرەپلەر يىغىندا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بويىچە ھەرىكەت پىلانىنى ماقۇللىدى. ھەرىكەت پىلانى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سۆھبەت، سودا تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلغان. ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو بۇ يىغىننى " ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان مۇھىم قەدەم" دەيدۇ. ئەركىن

يىغىندا تەرەپلەر كەلگۈسىدە قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى يۈزىسىدىن رەھمەت ئېيتتى. لېكىن جۇڭگو ياپونىيىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بولۇشىغا قارشى چىقماقتا. " ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپونىيە سۆھبىتى "يىغىنى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە چاقىرىلدى. (ئەركىن)