ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدۇ

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ئۇران قېزىش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا يادرو يېقىلغۇلار رىقابىتىدە جۇڭگونى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدىكەن. قازاقىستان دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ ئۇران ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، قازاقىستاننىڭ كانادا كامېركو ۋە كازاتومپروم شىركىتى دۇنيا ئۇران مەھسۇلاتىنىڭ 50 % كۆپىرەكىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 4 چوڭ شىركەتنىڭ بىرى.

ياپونىيە 2005 - يىلى 11 - ئايدا قازاقىستان بىلەن ئۇران كانلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە قازاقىستان ياپونىيە يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولغان.

كويزۇمىنىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى 28 - ئاۋغۇستتىن 31 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ. قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالغۇسى. كويزۇمى زىيارەت جەريانىدا پرېزىدېنت نازاربايېپ ۋە ئىسلام كەرىموپلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. (ئەركىن)