ياپونىيە باش مىنىستىرى قازاق ۋە ئۆزبېكىستانلارنى زىيارەت قىلدى

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى سەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموپ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا يېتىپ كەلدى. كويزۇمى شۇ كۈنى ئىسلام كەرىموپ بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈدىغان بولسىمۇ، لېكىن تەرەپلەر ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلى دېتاللىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

ئۆزبېكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كويزۇمى بىلەن كەرىموپنىڭ "خەلقئارا مەسىلىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى" مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كويزۇمى،چارشەنبە كۈنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان 25 مىڭ ياپونىيىلىكنىڭ تاشكەنتتىكى خاتىرە سارىيىنى ۋە شۇ كۈنى سەمەرقەند شەھىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

كويزۇمى ئۆزبېكىستانغا كېلىشتىن بۇرۇن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت نازەربايېۋ بىلەن ئۇران كانلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. كويزۇمى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياپونىيە باش مىنىستىرى.

ئانالىزچىلار، ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ سەپىرىنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رايوندا ئۈزلىكسىز كۈچىيىۋاتقان تەسىر كۈچىگە قارشى ياپونىيىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)