ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ سابىق پېرزىدېنتىغا ۋىزا بېرىشنى قارار قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا قارىماستىن دۈشەنبە كۈنى قايتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسلى پىلانى بويىچە تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈيگە ۋېزا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارى، گەرچە لى دىڭخۈيگە قاچان ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئەسكەرتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ھېچقانداق سىياسىي مەقسىتى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ يى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لى دىڭچۈيگە ۋىزا بېرىش مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى بىر تەشكىلاتنىڭ يىگىرمە نەچچە ئەزاسى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لى دىڭخۈيگە ۋېزا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق دەپ كۆرسەتكەن.

تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رەھبەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغاچقا، تەيۋەننىڭ باشقا ئەللەر بىلەن ھەر قانداق شەكىلدىكى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قارشى تۇرىدۇ. (ئارزۇ)