خىتاي سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى جونىشىرو كۇيزۇمىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھېچقانداق سىياسىي جەھەتتە باردى - كەلدى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

جونىشىرۇ كۇيزۇمى، 2000 ‏- يىلىدىن 2001 ‏- يىلىغىچە ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى، يۇنىشىرۇ كۇيزۇمى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلىش بىلەن بىرگە ، تەيۋەن تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا " ياپونىيە بىلەن تەيۋەننىڭ بۈيۈك مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا كۈچلۈك رول ئوينىغان " لەۋھەلىك مۇكاپات تەغدىم قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ ": تەيۋەن مەسىلىسى، جۇڭگۇنىڭ تۈپ مەنپەئەتى بىلەن جۇڭگۇ - ياپونىيە سىياسىي مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇپ، تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى بولۇپمۇ " تەيۋەن مۈستەقىلچى" كۈچلىرى بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز" دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جونىشىرۇ كۇيزۇمى 21 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا چېن شۇيبىيەن قاتارلىق تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

خىتاي ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا يول قويمايدۇ. (ئەقىدە)