ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دېڭخۈيگە پات ئارىدا ۋېزا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قارار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ياپۇنىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، لى دىڭخۈي ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ياپۇنىيىگە كىلىپ ساياھەت قىلىشنى خالايدىكەن. لى دىڭخۈينىڭ زىيارىتى خىتاي- ياپۇنىيە مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن. چۈنكى، ئۇ ياپۇنىيىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىق ھەققىدە كاپالەت بەرگەن.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن لى دىڭخۈيگە ۋىزا بېرىش قارارىنى دەرھال بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ئۇندا بولمىغاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەرنى تەيۋەن بىلەن ھەر قانداق شەكىلدىكى ئالاقە باغلاشتىن توسىدۇ. (ئارزۇ)