ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سىنكاكو تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىقتىسادى رايونلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئىختىلابى كۈچىيىشكە باشلىدى. ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى، دۈشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى سىنكاكو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق روھى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كويزۇمى سىنكاكو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىنىڭ " توقۇنۇش رايونى ئەمەس، ھەمكارلىق رايونى" بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى شەرقىي جوڭگو دېڭىزىدىكى ياپونىيە تەرىپىدىن ئىقتىسادى رايونىمىز، دەپ قارالغان جايلاردا خىتايلارنىڭ تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ھەر ئىككىلا دۆلەت ئىقتىسادى ئېچىش رايونىمىز، دەپ ئېلان قىلغان ئىختىلاپ ئىچىدىكى يۇقىرىقى جايلار، ياپونلار تەرىپىدىن سىنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتالغان. خىتايلار بۇ جايلارنى دياۋيۇداۋ دەپ ئاتىماقتا.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ياپونىيىدىكى ئوڭچىلار ياسىغان سىنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىدىكى دېڭىز مايىكىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقىنى جاكالىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ ھەرىكىتىنى " ئىغۋاگەرچىلىك،" دەپ تەنقىدلىگەن ئىدى. بۇ ئارىدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى "دياۋيۇ ئارىلىنى قوغداش فېدېراتسىيىسى" دەپ ئاتالغان بىر ئورگان خوڭكوڭدا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. "بېيجىڭ ياشلار گېزىتى"، مەزكۇر ئورگاننىڭ دياۋيۇ تاقىم ئاراللىرىدا ساياھەتچىلىك ۋە ئېچىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)