ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، خىتاي بىلەن "مەرتلەر كېلىشىمى" ئىمزالىغانلىقىنى رەت قىلدى


2005.04.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ياسۇخىرو ناكاسونى، 20 يىلنىڭ ئالدىدا خىتاي بىلەن " ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ياسىكۇنى بۇزرىكگاھىنى زىيارەت قىلماسلىقى" توغرىسىدا " مەرتلەر كېلىشىمى" ئىمزالىغانلىقىنى رەت قىلدى. بۇنىڭ سەل ئالدىدا ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، " مەن بۇنى تەكشۈردۈم شۇنداقلا بۇنداق بىر كېلىشىم مەۋجۇت ئەمەس،" دەپ جاكالىغان.

خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋاڭيى، ئالدىنقى كۈنى خىتاي بىلەن ياپونىيە 1985 - يىلى ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلماسلىقى توغرىسىدا ئاغزاكى كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ۋاڭ يىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي تەرەپ ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇزرۇكگاھنى زىيارەت قىلماسلىقى بەدىلىگە، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ياسىكۇنىنى زىيارەت قىلىشىغا كۆز يۇمۇشقا ماقۇل بولغانكەن.

ئەمما 1982 - يىلدىن 1987 - يىلغىچە ياپونىيە باش مىنىستىرى بولغان ياسۇخىرو ناكاسۇنى، " بۇ ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. ۋاڭ يىنىڭ خاتا ئاڭلىۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ناكاسۇنى، ياردەمچىسى ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 86 ياشلاردىكى ياسۇخىرو ناكاسۇنى، "مەن مەرتلەر كېلىشىمىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىمەن،" دىدى. ناكاسۇنى 1985 - يىلى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغان. شۇنىڭدىن 11 يىل كېيىن 1996 - يىلى ئەينى دەۋردىكى ياپونىيە باش مىنىستىرى ريۇتارۇ خاشىموتو، بۇزرۇكگاھنى زىيارەت قىلدى. بۇ ئارىدا توكيودىكى بىر سوت مەھكىمىسى، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلىك بەزى پۇقرالارنىڭ كويزۇمى بىلەن توكيو شەھەر باشلىقى ئىشىخارا سىنتارو ئۈستىدىن ئاچقان داۋاسىنى رەت قىلغان. داۋاگەرلەر، ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغان كويزۇمى بىلەن سىنتارو، ياپونىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ دۆلەت بىلەن دىننى ئايرىش توغرىسىدىكى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.