ياپونىيە خىتاينى شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇردى
2005.10.07
ياپونىيە سودا مىنىستىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتايلار ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايونىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزسا، ياپونىيىنىڭ "قاراملارچە ھەرىكەت" قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سودا مىنىستىرى سويچى ناكاگاۋانىڭ تەكىتلىشىچە، ياپونىيە خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنى تالاش - تارتىشتىكى رايونغا يۆتكەۋاتقانلىقىنى بايقاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىدىن ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىغان.
سويچى ناكاگاۋا، خىتايلارنىڭ ھەرىكىتىنى "چوقۇم يېقىندىن كۆزىتىشىمىز كېرەك" دېدى. ئۇ، خىتايلار رايوندىكى ئىككى تەبىئىي گاز قۇدۇقىدىن شاڭخەيگە نېفىت تارتىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ئۆتكەن ئايدا خىتايلارنىڭ تيەنۋەيتيەن ئاراللىرىدا تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ جاي ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىغان ئاراللارغا خوشنا بولۇپ، ياپونىيە نېفىت زاپىسىنى خىتايلارنىڭ سۈمۈرۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايلاردا تەبئىي گاز قېزىش ھوقۇقى بارلىقىدا چىڭ تۇردى.
ياپونىيە 9 - ئايدا خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تالاش - تارتىشتىكى رايوندا تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتىنى بىرگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خىتايلار ياپونىيىنىڭ تەلىپىگە 10 - ئوتتۇرىلىرىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە خىتاينى "سۆھبەتنى قەستەن كەينىگە سۈرىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي تاقىم ئاراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايۇنىغا ھەربىي پاراخۇتلىرىنى ئەۋەتتى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
- خىتايدىن كېلىدىغان ھۇجۇم تەھدىتى ياپونىيە مۇداپىئە پىلانىدا يەر ئالدى