خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى يەنە جىددىيلەشتى
2005.10.17
ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە ئۇرۇش قۇربانلار بۇزرۇكگاھىنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن ياپونىيە دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە توكيودا ئۆتكۈزۈدىغان سۆھبىتىنى بىكار قىلدى.
شۇ كۈنى تەخمىنەن 20 ئەتراپىدىكى خىتاي نامايىشچى بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، "ياپونىيە مىللىتارىزىمىنى يوقىتايلى،" دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان.
ياپونىيە تەرەپ سۆھبەتنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەت باش مىنىستىر كويزۇمى بۇزرۇكگاھنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا بىكار قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلمىغان.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يى، كويزۇمىنىڭ ئۇرۇش قۇربانلار بۇزرۇكگاھىغا قىلغان زىيارىتىنى "جوڭگو خەلقىغە قارىتىلغان ئېغىر كۈشكۈرتۈش ھەرىكىتى،" دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما ياپونىيە تەرەپ خىتاي تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، كويزۇمىنىنىڭ بۇزرۇكگاھنى تاۋاپ قىلىشى " پۈتۈنلەي شەخسىي ئىبادەت، ياپونىيىنىڭ مەڭگۈ ئۇرۇش قوزغىماسلىقىنى تىلەش، ئۇرۇش قۇربانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور" دەپ تەكىتلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي تەرەپ 23 - ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي - ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىنى بىكار قىلغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە خىتاينى شەرقىي دېڭىزدا تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە ئاگاھلاندۇردى
- ياپونىيە خىتاينى "سۆھبەتنى قەستەن كەينىگە سۈرىۋاتىدۇ" دەپ ئەيىبلىدى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي تاقىم ئاراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايۇنىغا ھەربىي پاراخۇتلىرىنى ئەۋەتتى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىشلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ