ياپونىيە باش مىنىستىرى خىتاينى تەنقىد قىلدى


2005.12.13

ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى سەيشەنبە كۈنى كۇئالالۇمپۇردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، خىتاي رەھبىرىنىڭ ياسىكونۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقىم سەۋەبىدىن مېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى چۈشۈنەلمىدىم، دېدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كويزۇمى، " دۇنيادا ئوخشىمىغان پىكىرگە ئىگە بولمىغان ئىككى دۆلەت يوق، مەن خىتاينىڭ بىر مەسىلىنى دەپ ، مېنىڭ بىلەن ئۇچراشمىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم "دەپ تەكىتلىگەن.

ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كويزۇمى شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، مالايسىيە باش مىنىستىرى باداۋى ۋە فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئارويولارغا نېمە ئۈچۈن ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن.

ياپونىيە- خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىش رايوندىكى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلماقتا. كويزۇمى ئۇلارغا ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسەت ئۇرۇشتىن پۇشايمان قىلىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش قىلماسلىقنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، "مېنىڭچە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشىلەر مېنى توغرا چۈشۈنۈپ قالىدۇ" دەيدۇ.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى رو مۇ-ھۇن قاتارلىقلار كۇئالالۇمپۇردا شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماقتا. ئۇلار ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، يىغىن ئارىسىدا ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش پىلانىنى بىكار قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كويزۇمىنىڭ "ياسىكۇنو بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش ۋەقەسى جوڭگو، كورىيە ۋە ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى" دېدى.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي، بۇ ئەھۋالدا " جوڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.