ياپونىيە چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى بىر نەپەر دېپلوماتىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدە خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ كىشىنى ياپونىيىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى بېرىشكە قىستىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يوشىنورى كاتورى، 40 نەچچە ياشلاردىكى بۇ دېپلوماتنىڭ ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى، ھەمدە ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن قالدۇرغان خېتىدە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دېپلومات خېتىدە، ئىلگىرى ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى بىر كارا ok ناخشىخانىسىدىكى ئايال مۇلازىمەتچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنى باھانى قىلىپ ئۇنىڭغا تەھدىت ئىشلەتكەنلىكىنى يازغان.
شۇنداقلا بۇ دېپلومات ياپونىيىنىڭ مەخپىي ئالاقە خادىمى بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇنى مەخپىي ھۆججەتلەرنى خىتايغا بېرىشكە قىستىغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ خەلقئارا ۋېنا شەرتنامىسىدىكى دېپلوماتىك ئالاقە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ياپونىيىدىكى كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى نارازىلىقىنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ يىغا يەتكۈزگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)