ياپونىيە سودامىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

ياپونىيە سودا مىنىستىرى تاشىخېرو نىكاي سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچرىشىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ زىيارەت ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشكە باشلىغاندىن بېرى ئېلىپ بارغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، توشىخىرو نىكاينىڭ زىيارىتى، توكيو بىلەن بېيجىڭنىڭ تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىدا تەبئىي گاز قېزىش، باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىختىلاپلارنى پەسەيتىش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن. توشىخىرو نىكاي ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ نىكاي بىلەن كۆرۈشىدىغان ياكى كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرمىدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ياسۇكۇنۇ ئۇرۇش قۇربانلار بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە دائىرىلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن. بېيجىڭ دائىرىلىرى باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ ياسۇكۇنۇ بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشى خىتاي خەلقىنىڭ "كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىك" دەپ قارىماقتا ۋە بۇنى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ توسالغۇ، دەپ قارىماقتا. بىراق بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، كويزۇمى ياسىكۇنۇنى يەنە زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى چەتكە قاقمىغان. ئۇ، خۇدى بۇرۇن زىيارەت قىلغانغا ئوخشاشلا يەنە زۆرۈر، دەپ قارىسام زىيارەت قىلىۋېرىمەن، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)