ياپونىيە: خىتاي شەرقىي ئاسىيانى تۇراقسىزلىق گىردابىغا ئېلىپ كەلمەكتە
2006.03.27
ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى دۆلەتلىك مۇداپىئە تەتقىقات ئىنستېتوتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر ئىستراتېگىيە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھەربىي كۈچى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتى شەرقىي ئاسىيا رايونىنى تۇراقسىزلاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى جۇنىھىرۇ كويزۇمىنىڭ توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇگگاھىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن يىرىكلىشىشكە باشلىغان خىتاي ۋە ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى، كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ياسۇكۇنى بۇزرۇگگاھىنى ياپونىيە مىلىتارىزىمىنىڭ بىر سىمۋولى دەپ قارىماقتا. چۈنكى بۇ قەبرىستانلىققا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ياپونىيە پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان ياپون ھەربىي گېنېراللىرىمۇ كۆمۈلگەن.
ياپونىيە دۆلەتلىك مۇداپىئە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى 27-مارت كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق ئىستراتېگىيە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، تەيۋەنگە قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتىشى، شەرقىي ئاسىيا رايونىنى تۇراقسىزلىق گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار ھېسابلىندىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەنلىكى، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ ئاساسەن تەيۋەننى نىشان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا شۇنداقلا، گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننى تىنچلىق يولىدا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى كۈچەيتىپ، يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 2006- يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 7. 14 پىرسەنت كۆپەيىتكەنلىكىنى جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكى، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە خىتايغا بېرىدىغان مالىيە ياردىمىنى كېچىكتۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خام چوت توغرىسىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- خىتاي باش ئەلچىسى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىشنى رەت قىلدى
- خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ تەبئىي گاز سۆھبىتى كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى