ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۇ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ سەيشەنبە كۈنى قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىقتىسادىي يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلگەن. ئەمما بۇ سۆھبەت يەنىلا ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبلىك نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.
سۆھبەتتىن كېيىن لى جاۋشىڭ، ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ياپونىيە بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىدە ئوخشىمىغان پىكىردە بولۇشىنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گەرچە بۇ ئىختىلاپ ھەل بولمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەتتى.
ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىغا ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان 2 يېرىم مىليونغا يېقىن ئەسكىرى كۆمۈلگەن بولۇپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى ئۇلارنى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى دەپ قاراپ، ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇ يەرنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى چىقىپ كەلدى. (پەرىدە)