يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي پاراخودلىرىنىڭ سەنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى دېڭىز رايونىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ ياپونىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي پاراخودلىرى يەكشەنبە كۈنى سەنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە تەرەپ ئۆزىگە تەۋە دەپ قاراۋاتقان جايغا كىرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ياپونىيە دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ قۇلاق سالمىغان ھەمدە كەچكىچە شۇ يەردە تۇرۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن.
نۆۋەتتە، سەنكاكو ئارىلى مەسىلىسىدە ئىككى خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەۋەلىك دائىرىسىنى ئەتىراپ قىلمايدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە ۋە خىتاي دېڭىزچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم سۈركىلىشلەر كېلىپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلەر يىرىكلەشمەكتە.(ئۈمىدۋار)