خىتاي بىلەن ياپونىيە شەرقى خىتاي دېڭىزىنىڭ قېزىلما بايلىقى مول قىسمى ئۈستىدىكى سۇ تەۋەلىك مەسىلىسىدە سۆھبەت باشلىدى.
بۇ سۆھبەت خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان.
ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن بولۇپ، سۆھبەت 6- ئاپرىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. لېكىن، ئۇ سۆھبەتنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋام ئېتىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي تەرەپتىن كىملەر قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "ۋېن جياباۋ ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى، ئارىمىزدىكى بۇ دەتالاشنىڭ خەيرلىك يوللار بىلەن ھەل بولۇشىنى مۇھىم ئامىللار بىلەن تەمىن ئەتكۈسى".
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 2003-يىلى خىتاينىڭ شەرقى خىتاي دېڭىز رايونىدا سىناق خاراكتېرلىك بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىشى ياپونىيە تەرەپنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. ياپونىيە ئەلچىخانىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئېچىش يولى بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئېھتىماللىققا يېقىن بىر يول ئىكەن. (جۈمە)