خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشتىكى رايونلاردا تەبئىي گاز قېزىشنى توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. ئەمما ھەر ئىككىلا تەرەپ داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلغان.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايلارنىڭ تالاش - تارتىشتىكى رايونلاردا نېفىت - تەبىئىي گاز قېزىش مەشغۇلاتىنى توختىتىپ، ياپونىيىنى خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئېنېرگىيە مەشغۇلات پىلانى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، جوڭگونىڭ بۇ رايونلاردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار، چۈنكى بۇ جوڭگو دېڭىز تەۋەكىلىدىكى جايلار، دەپ كۆرسەتتى.
ياپونىيە سۆھبەت ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتايلار بىلەن شەرقىي دېڭىزدا نېفىت - تەبئىي گاز قېزىش مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت باشلىدى. خىتاي تەرەپ تالاش تارتىشتىكى رايوندا نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى تەڭ قېزىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ياپونىيە سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كېنىچىرو ساسېي، خىتاينىڭ تەرەپنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.
ياپونىيە كيۇتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئىقتىسادى رايونلار چېگرىسىنى ئايرىش ئۈچۈن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا ماقۇل بولغان. شەرقىي دېڭىزدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىشغالىيەچىلىك ھەرىكىتىنى تونۇش مەسىلىسى، خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى.
يېقىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختۇتۇپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنى بىكار قىلغان. بۇ ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئىلگىرلىگەن ھالدا سوغۇق سۇ سەپكەن ئىدى. (ئەركىن)