ياپونىيە بىلەن خىتاي ئىختىلاپ پەيدا قىلغان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ

ياپونىيە بىلەن خىتاي دۈشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا قىلغان ياسىكۇنۇ بۇزرۇكگاھى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سۆھبەت ئالدىمىزدىكى جۈمە كۈنى توكيودا باشلىنىدۇ. سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوڭ چۈەن، " ياپونىيىنىڭ تەيۋەندىكى يېرىم ئەسىرلىك مۇستەملىكىچىلىكى، ياپونىيە مىللىتارىزىمىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بىر سەھىپىسى " دەپ ھۇجۇم قىلدى. ئۆتكەن شەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو، تەيۋەننىڭ بۈگۈنكى بىر قەدەر يۇقىرى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇشى ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكە دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ ئۆتكەن شەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، " تەيۋەن مائارىپىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى، ساۋاتلىقلار نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ قېلىشى ئۆتكەن ئەسىردىكى دەۋرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك " دەيدۇ.

مانجۇ ھۆكۈمىتى 1895 - يىلى " ماگۈەن شەرتنامىسى" ئارقىلىق تەيۋەننى ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە 1945 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغىچە تەيۋەننى ئىدارە قىلغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى يىللاردا تەيۋەن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن يۇقىرى ئىكەن.

تارۇ ئاسونىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونىيە مۇستەملىكىسى تەيۋەن مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، دېگەن بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا تەيۋەندىكى مۇھىم بىر ئەرباپ ئېيتقان. ئۇ، " بۇلارنى تەيۋەندىكى پىشقەدەم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ " دەيدۇ. تارۇ ئاسونىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياپونلۇقلارنىڭ ئەجداتلىرى بۇ جەھەتتە ياخشى ئىش قىلغان.

ئەمما بۇ سۆزلەر خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇ، ياپونىيە تاشقىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر مەسئۇلىنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشى تارىخنى بۇرمىلاش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسىياتىغا ئازار بەرگەنلىكتۇر، دەپ تەنقىد قىلدى. (ئەركىن)