ياپونىيە خىتايغا بېرىدىغان مالىيە ياردىمىنى كېچىكتۈردى
2006.03.23
خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى يېرىكلىشىۋاتقان ياپونىيە، خىتايغا بېرىدىغان مالىيە ياردىمىنى كېچىكتۈردى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ياپونيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قارار بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىتقا ئېھتىياجى بار، دېدى.
ياپونىيە- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە 2001- يىلىدىن يەنى ياپونىيىدە باش مىنىستىرى جۇنىچىرۇ كويزۇمى ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ، توكيودىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قۇربانلىرى كۆمۈلگەن ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن بېرى كۆرۈنەرلىك ئارقىغا چىكىنىش كۆرۈلمەكتە.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىنى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىماقتا. چۈنكى بۇ قەبرىستانلىققا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا قۇربان بولغان ئىككى مىليون ياپونىيە پۇقراسىدىن باشقا يەنە بۇ ئۇرۇشنى قوزغىغان ياپونىيە گېنېراللىرىمۇ كۆمۈلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئاراللار ۋە ئەتراپىدىكى نېفىت مەنبەلىرى ئۈستىدە مەۋجۇت تالاش- تارتىشلار، رايوندىكى تەسىر كۈچىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىش بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا مالىيە ياردىمىنى كېچىكتۈرۈش قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن مالىيە ياردىمى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ياپونىيىمۇ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە سودامىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ياپونىيە بىلەن خىتاي ئىختىلاپ پەيدا قىلغان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
- ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دىپلومات ئۈستىدىكى ماجىراسى داۋام قىلماقتا
- خىتاي ياپونىيىنىڭ "دىپلومات ۋەقەسى" مۇناسىۋىتى بىلەن بىلدۈرگەن نارازىلىقىنى رەت قىلدى
- ياپونىيە، شاڭخەيدىكى دېپلوماتىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدە خىتاينى ئەيىبلىدى