خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى لى جاۋشىڭ، ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش پىلانىنى دۆتلۈك، دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان خىتاي باش ئەلچىسى ياپونىيە تەرەپنىڭ چاقىرىقىغا پىسەنت قىلمىدى.
ياپونىيە " نىخون كېيزاي" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يىي، چارشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى شوتارو ياچى تەرىپىدىن قايتا - قايتا چاقىرتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە تەرەپنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلمىغان. ئەسلى شوتارو ياچى ۋاڭ يىينى چاقىرتىپ، خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى لى جاۋشىڭنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى ئىدى.
لى جاۋشىڭ باش مىنىستىر كويزۇمىنىڭ ياسىكۇنىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان " دۆتلۈك"، دەپ ئەيىبلىگەن. " يۇميۇرۇ " گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ يىي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كېلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، شوتارو ياچى ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ لى جاۋشىڭنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ۋاڭ يىي چارشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بارمىغان بولسىمۇ، ئەمما پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى تارى ئاسونىڭ تەيۋەننى دۆلەت، دەپ ئاتغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شوتارو ياچى بىلەن كۆرۈشكەن. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ئاسونىڭ تەيۋەننى دۆلەت، دەپ ئاتىغانلىقىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)