ياپونىيە خىتايغا بېرىۋاتقان ياردەم تۈرىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2004.11.26
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياپونىيىنىڭ خىتايغا بېرىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم تۈرىنى يېقىن ئارىدا توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماچىمۇرا، جۈمە كۈنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ياپونىيە تەرەققىيات ياردەم تۈرىدىن بەھرىمان بولىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلقى ئۆسۈش نىسبىتى 9.3 ٪ بولۇپ، بىراق ياپونىيە ئىقتىسادى يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ياپونىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينى ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتاتتى.
كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان ياردەم تۈرىنى توختىتىش قارارى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ئالاقىنىڭ جىددىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. ياپونىيە باش مىنىستىرى كۇيزۇمىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ياپونىيە دۆلەتلىك قۇربانلار قەۋرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يېقىندا خىتاينىڭ بىر سۇ ئاستى ھەربىي پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرىشى، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىشكە سەۋەبچى بولغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، رۇسىيە ياپونىيە بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە تەييار دېدى
- ياپونىيە خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ياپونىيە خىتاينىڭ مۆلچەردىكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
- ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا ئىئانە بەردى
- توكيو شەھەر باشلىقى، خىتاي ياپونىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ كۆرسەتتى
- ياپونىيە ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى