ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلققە 700 مىليون دوللار تارقاتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كاچىنا دېڭىز چاپقۇنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەرگە بىۋاستە 700 مىليون دوللار ياردەم پۇلى تارقاتتى. ئامېرىكا فېدېرال جىددىي تەدبىر كۆرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ پۇللار ئاپەت سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان 330 مىڭدىن ئوشۇق ئائىلىلىككە بۆلۈپ بېرىلگەن.

شۇنداقلا بۇ پۇللارنىڭ كۆپۈنچىسى ئاپەت تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان لۇئىزىئانا شىتاتىغا بارغان بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىلىككە بىۋاستە ياردەم قىلىش سۈپىتى بىلەن تەخمىنەن 2000 دوللاردىن نەق پۇل بېرىلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاپەتتىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا فېدېرال جىددىي تەدبىر كۆرۈش ئىدارىسىنى ئاپەتكە دەرھال ئىنكاس قايتۇرالمىغان دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە شۇ سەۋەپتىن، بۇ ئىدارىنىڭ باشلىقى مايكېل براۋىننىڭ مېكسىكا قولتۇقى رايونىدىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە بولغان قوماندانلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارنى چوقۇم قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانغا ۋەدە بەردى ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنى، ئىتتىپاقلىشىپ بۇ ئاپەتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى. (پەرىدە)