خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ماقۇللىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاسىتدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئىرادىسىدە ئىككىلىنىش كۆرۈلدى.
"نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى كەينىگە سۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ئادام ئىرەلى، ئامېرىكىنىڭ تېخى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب ئالمىغانلىقىنى، ناۋادا بۇ خەۋەر راست بولۇپ چىقسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلۋەتتە بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەت مەجلىسى بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ھەتتا خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشكە ئارىلاشقان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەشمەكتە. (پەرىدە)