گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ياۋروپا - ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدىن بۇرۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى ھەمدە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا كېلىپ چىققان قىزىل رەقەمنى كېمەيتىش ئۈچۈن، خىتاينى بازارنى بەكرەك قويۇۋېتىشكە، ئىشچىلارنىڭ ھەق- تەلەپ ۋە سىياسىي ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارالىق ئەھدىنامە ماقۇللاشقا قىستىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىسسارى بېنىتا فررېرو-ۋالدنېر ( Benita Ferrero- Waldner)، خىتاي تاشى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن: "مەن ئارىمىزدىكى غايەت زور قىزىل رەقەمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ قىزىل رەقەم، پەقەت 2006- يىلدىلا 130 مىليارد ياۋرو بولدى. بۇ بەك چوڭ سان، شۇڭا بىز خىتاي بازىرىغا يول ئېچىشىمىز كېرەك" دەيدۇ.
ئەمما، خىتاي تاش ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.
ۋالدنېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ ياۋروپانىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋالدنېر بولسا، خىتاينىڭ خەلقئارالىق ھەق-تەلەپ ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە قول قويۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەكىتلىگەن.
ياۋروپانىڭ ئادىل بازار رىقابىتى ئىزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرەنك - ۋالتېر ستېيىنمېيېر (Rrank- Walter Steinmeier) : " ئاسىيا ناھايىتى زور ئىقتىسادى روھقا ئىگە. بۇ جايدىن نۇرغۇنلىغان ياۋروپا شىركەتلىرى كوپ پايدا ئالدى. ئەمما، مەن رىقابىتىمىزنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق دېيىشىم، بىز مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي ئۆلچەملەرگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئاسىياغا- يۇقىرىقى ئۆلچەملەر ھۆرمەت قىلىنمايدىغان جايلارغا كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز " دەيدۇ.(جۈمە)