ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى


2007.12.14

ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئەزالارنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغان قارار لايىھىسىدە، ياۋروپا كومىتېتىنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا يىتەرلىك بېسىم ئىشلەتمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. قارار لايىھىسىدە يەنە، ياۋروپا پارلامېنتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئادۋوكاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرگە سىياسى زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا "ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا كىشىلىك ھوقۇق تۇيغۇنلۇقى تېخىمۇ كۆپ دىققەت-ئېتىبارغا ئېرىشىشى كېرەك،" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قارارنامىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن خىتاينىڭ 2001 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تالاشقاندا بەرگەن ۋەدىلىرىگە قانچىلىك ئەمەل قىلغانلىقىغا باھا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

11 - ئايدا ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى پال شمىت ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېدۋارد مىكمىلان-سكوت، بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرگە ۋەھشىلەرچە زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتىدىن ئازابلانغانلىقىنى" تەكىتلىگەن. لېكىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.