ياۋورپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە پەقەت كۆڭۈل بۆلمەي كەلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە ياۋروپا كومىتېتىنى مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشقا قىستىدى.
قارار جەمئىي 21 ماددىلىق بولۇپ، قاراردا ياۋروپا - خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتلارنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلەرنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئەمما ياۋروپا كومىتېتىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىگە قارىتا سىياسى جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىشكە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلۇپ كېتەلمىگەنلىكىدىن ، خىتايدا ناچارلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى 2008- يىللىق ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
قاراردا ياۋروپا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادى ھەمكارلىقنىڭ چوقۇم باراۋەرلىك ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت، ئېنېرگىيە مەسىلىسى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قاراردا يەنە، خىتاي تيەنئەنمېن نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن قورال-ياراق ئىمبارگوسىنى داۋاملىق ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىش، مۇشۇ خىل ھالەتنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغىچە داۋاملاشتۇرۇش بېكىتىلگەن.
مەزكۇر قاراردا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مۇھىم تەرەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى بولۇپ، قاراردا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ، ئادۋوكاتلار، يازغۇچى - مۇخبىرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىياسىي بېسىملارغا ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلى قولغا ئېلىنغانلىقىغا نىسبەتەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ: " بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى ۋە بۇلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز "دېيىلگەن.
يەنە ، خىتاينىڭ بېرما ۋە سۇداندىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنى قوللاش قىلمىشلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. قارار 21- دېكابىر ماقۇللىنىپ رەسىمىي بېكىتىلگەن. (جۈمە)