ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تىبەتتە زىيارەتتە بولماقتا
2007.06.25
تىبەتتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، بۇ ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىككە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.
ياۋروپا كومىتېتى بېيجىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 14 دۆلەتتىن كەلگەن 23 نەپەر ئەزاسى، شەنبە كۈنى لخاساغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تىبەتتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، شىگاتسە شەھىرىگە بېرىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ جايدا مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان تىبەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان.
خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۇلىغان لخاسا تۆمۈر يول لىنىيىسى تىبەتكە ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلغان ئىدى.ئەمما تىبەت پائالىيەتچىلىرى، مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ، ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە ئاققۇن خىتاي ئىشچىلارنىڭ تىبەتكە تۆكمە بولۇپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە تىبەتنىڭ يېگانە مەدەنىيىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
مېھمانخانا خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىكلەر بولۇپ، مېھمانخانا خىزمەتچىلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى جون خوۋارد بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىدى
- سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىنى گېرمانىيىدە ئېچىلماقچى
- ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي دالاي لاما بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى
- دالاي لامانىڭ بېلگىيە زىيارىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
- شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ 2006 - يىللىق ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى
- تۆت ئامېرىكا پۇقراسى 'جۇمولاڭما ۋەقەسى' دە قولغا ئېلىنغان
- تىبەتلەر، تونىي بلايىرنى تىبەت مەسىلىسىدە بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- ۋۇ باڭگو، يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتىدا تىبەت پائالىيەتچىسىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە دۈچ كەلدى
- كوندىلىزا رايىس، بېيجىڭنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى