ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى چەكلىگەنلىكىگە قارىتا ھەرىكەت قوللانماقچى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى برۇسسېلدىن بايان قىلىشىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ باياناتچىسى پىتېر پاۋېر بۈگۈن مۇخبىرلارغا، خىتاينىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىغا قارىتا دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ كانادا، ياۋروپا بىرلىكى، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ دۇنيانى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى مەنئىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'غا، خۇددى 2006 ‏- يىلىدىكىدەك، ھەممە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياۋروپا بىرلىكى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 'دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ ئورنىغا قويىدىغان باشقا بىرخىل چارىسى يوق، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماي مۇمكىن ئەمەس، ھېچبولمىغاندا دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق ھەرىكەت قوللانماقتىن ئۆزگە ئامال يوق'.