ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماچىمۇرا، ياپونىيە- خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پات ئارىدا ئىككى دۆلەتنىڭ بارغانسىرى يىرىكلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇنىچىرو كويزومى جۈمە كۈنى جاكارتادا ئۆتكۈزىلىدىغان ئاسىيا- ئافرىقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى يۇنىچىرو كويزومى جاكارتاغا يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، "ئەگەر ئىككىلا تەرەپ خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ دوستلۇقىغا ئەھمىيەت بەرسە، بۇ قېتىمقى يىغىن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ياپونىيىنىڭ يېڭى تارىخ دەرسلىكىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش مەسىلىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن. بەزى نامايىشلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كېلىپ چىققان. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ناچارلاشقان ئىدى.
بۇ ئارىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى قايتا بايانات ئېلان قىلىپ، پۇقرالاردىن ياپونىيىگە قارشى ھەر قانداق نامايىش ئويۇشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئەمما تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تور بەتلىرىدە نۆۋەتتە 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە 4 - ماي ياشلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىگە قارشى يەنە كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى چاقىرىقلار تارقالماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)