ئىراندا سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 6.4 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 500 گە يەتكەن. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ساننىڭ يەنە داۋاملىق ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان كېرمان ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى مۇھەممەد جاۋادنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يەر تەۋرەش بۇ يەردىكى 30 مىڭدىن ئوشۇق كىشى ئورۇنلاشقان 40 نەچچە كەنتكە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 900 كىشى يارىلانغان.
گەرچە ئىران ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، ئىران يادرو كرىزىسى تۈپەيلىدىن خەلقئارادىن ياردەم سورىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا ئىراندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم قىلىشنى پىلانلىماقتا.
بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئىراندىكى قەدىمىي بام شەھىرىدىن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولغان. بام شەھىرىدە 2003 - يىلى 12 -ئايدا 6.6 بال يەر تەۋرەپ، 30 مىڭدىن ئوشۇق كىشى قازا قىلغان ئىدى. ئىراننىڭ ئورنى يەر تەۋرەش بەلۋىغىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە كۈنىگە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئاجىز يەر تەۋرەپ تۇرىدىكەن. (پەرىدە)