ھىندىنوزىيىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى مىڭغا يەتتى
2005.03.29
ھىندونېزىيىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە دۈشەنبە كۈنى كەچتە 8.7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيىنىڭ غەربىدىكى نىياس ئارىلى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان. ھىندونېزىيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى يۈسۈپ قاللا يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئىككى مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرگە قارىغاندا، 700 مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان نىياس ئارىلىدىكى كۆپ قىسىم ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ھىندونېزىيە ۋە خەلقئارا قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى جىددى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئوخشاشلا ھىندونېزىيىنىڭ سۇماترا ئارىلى ئەتراپىدىكى ھىندى ئوكياندا ئۆتكەن دېكابىردا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە، ھىندونېزىيە، مالايسىيە، سېرلانكا قاتارلىق دۆلەتلەردە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ھىندى ئوكيان بويىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرغان ئىدى. ئامېرىكا دېڭىز دولقۇنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزى، كەڭ كۆلەمدە دېڭىز دولقۇنى ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپىنىڭ يوقلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەر سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى بىكار قىلدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 500 گە يەتتى
- ھىندونېزىيە، ئاپەت رايونىدىكى چەتئەل قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
- پوۋېل سۇنامى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى
- ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 55000 دىن ئاشتى