"ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ناملىق يىغىن ئاياغلاشتى
2004.11.07
5- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ كونېتىكېت شتاتىنىڭ مەركىزى خارتفورد شەھىرىدە باشلانغان "ئۇچۇر دەۋرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى" ناملىق يىغىن 7 – ئۆكتەبىر كۈنى ئاياغلاشتى.
بۇ يىغىن 21 – ئەسىر خىتاي فوندى جەمئىيىتى، خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى ۋە ترىنىتي ئىنىستىتىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەردىن بولۇپ 70 كە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
يىغىندا خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، خىتايدىكى دېموكراتىيە، كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇق ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف "11- سېنتەبىردىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى" تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە پاكىتلار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.
يېل ئۇنىۋېرسىتىدىن دوكتور قاھار بارات سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى تونۇشتۇردى ۋە يىغىن ئەھلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولغان "قوش تىللىق ئوقۇتۇش" نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىدىن خەۋەردار قىلدى. بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ "مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتايدىن كەلگەن، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللىرى خىتاي تىلىدا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ يولىدا قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دالاي لاما تۇتقان "ئوتتۇرا يول" سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، دالائى لامانىڭ كوممۇنىستلار تىبەتكە كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپلا بۇ خىل "ئوتتۇرا يول" نى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خوڭكوڭ ۋەكىلى "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" نىڭ رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بۇ خىل سىياسەتنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ يەتتە يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىسپاتلانغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. تەيۋەن ۋەكىللىرى تەيۋەننىڭ ھازىرقى دېموكراتىيە ئەھۋالى ۋە ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى تور مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.