بېيجىڭدا ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا يېغىن ئۆتكۈزۈلمەكچى
2005.11.07
11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يېغىن خىتاينىڭ چەت دۆلەتلەر دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن تېكساس ئا ۋە م ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇرج بۇش ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەر مەكتىپىي ۋە جۇرج بۇش پرېزىدېنت كىتابخانىسى فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېغىنغا قاتنىشىدىغانلار ئارىسىدا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سىياسىي كېڭىشى مىللىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رە ئىسى شۇ كۋاڭدى، خىتاي سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چيەن چىچەن ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جۇرج بۇش قاتارلىق ئەربابلار بار ئىكەن.
يېغىندا ئاساسلىقى، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى، ئېنېرگىيە، تەرەققىيات، ئىلمىي ۋە ئىلغار تېخنىك ساھەلىرىدىكى ھەمدە مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىمقى يېغىن -2003 يىلىدىن بىرى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى يېغىن بولۇپ، بىرىنچى يېغىن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.