ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان چىش پاستىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى

ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورىگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى، پەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق چىش پاستىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورىگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئامېرىكىغا چىش پاستىسى ئېكىسپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، پاناما بىلەن دومىنىكادا يۈز بەرگەن زەھەرلىنىش ھادىسىىسى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چىش پاستىسىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا خىتايدىن پاناما ۋە دومىنىكا جۇمھۇريىتىگە ئېكىسپورت قىلىنغان EXCEL بىلەن MR COOL ماركىلىق چىش پاستىلىرىدا زەھەرلىك ماددا بايقىلىپ، سېتىشتىن چەكلەنگەن.

مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۈر چىش پاستىسى زاۋۇتىنىڭ باشلىقى، " چىش پاستىسى يەيدىغان يېمەكلىك ئەمەس، تۈكۈرۈپ چىقىرىۋىتىغان نەرسە " دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشقان ، بىراق يېقىندا خىتاي ئېكىسپورت قىلغان يېمەكلىكلەردىمۇ زەھەرلىك ماددىلار بايقالغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بىر خىل يۆتەل دورىسىدىمۇ ، چىش پاستىسىدا بايقالغان زەھەرلىك ماددا كۆرۈلگەن بولۇپ، يۈزلىگەن ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بۇ دورا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە مەزكۈر دورا ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.(ئەقىدە)