خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلىماقتا


2008.01.02

خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلاشقا كىرىشتى. مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەكلىپ تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، 2008 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدىن 9 ‏- ئايغىچە خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن خىتايدىن يوللايدىغان 48 ئورۇننىڭ ئىچىدە، يارغول قەدىمقى شەھەر خارابىسى، نىيە خارابىلىقى، قىزىل مىڭئۆي، كروران قەدىمقى شەھىرى خارابىسى قاتارلىق 12 ئورۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئۇنىڭ كۆپىنچىسى تەبىئىي ئاپەت ياكى ئادەم ئاپىتى تۈپەيلىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. بۇلارنىڭ ھېچقايسى تېخى قوغدىلىدىغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ.

شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 ‏- ئايدىن باشلاپ، مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، دۇنيا بۇيىچە قوغداش ئۆلچىمىگە ئاساسەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا ۋە مەدەنىي مىراسلارغا زىت بولغان سودا -تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.