26 - ئىيۇن ب د ت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت بۈگۈن دۇنيانى زەھەرگە قارشى تۇرۇپ، زەھەر چەكلەشكە ئورتاق قاتنىشىشقا چاقىردى شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىش ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
مەزكۈر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا زەھەر ئەتكەسچىلىكى بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسەن 2005 - ھەمدە 2006 - يىلىدىكى بىلەن باراۋەر بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇنى سېتىش بولۇپمۇ كوكائىن، خروئىن ھەمدە نەشە قاتارلىق ئۆتكۈر خۇمار قىلغۇچى زەھەرلەرنىڭ ئەتكەسچىلىكىنى خەلقئارا مىقياسىدا كونترول قىلىش بەلگىلىك ئۈنۈم بەرگەن.
ئامېرىكىنىڭ زەھەرگە بولغان ئېھتىياجى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەن، ياۋرۇپادىمۇ زەھەرنىڭ سېتىلىشى ئاستا بولغان. ئەمما دوكلاتتا تەپسىلىي توختىلىشىچە، ئافغانىستان زەھەرلەرنىڭ مەنبەسى بولغان كەندىر قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك خام ئەشيالىرىنى ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈۋاتقان ھەمدە دۇنياغا ھەممىدىن كۆپ زەھەر تارقىتىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالغان.
ئافرىقا زەھەرنىڭ خەلقئاراغا تارقىلىشىدىكى يېڭى يول بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئافرىقىدا زەھەرگە بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشقان. ب د ت تارماقلىرى ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى جەھەتتىن بىر قەدەر نامرات بولغان ئافرىقىنىڭ زەھەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىقتىسادىي ھەمدە ئىجتىمائىي زىيانلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
تەخمىنلىنىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار 25 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ب د ت نىڭ دوكلاتىدا زەھەر چېكىشكە قارشى تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر دەپ تەكىتلەندى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۈرۈمچىدە 160 كىلوگرامغا يېقىن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئاشكارا كۆيدۈرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،ئىككى يىلدىن بۇيان دائىرىلەر 1696 زەھەرلىك چېكىملىك دېلوسىنى ئېنىقلاپ 1680 نەپەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە جازا كۆرگەن.
دۇنياغا ھەممىدىن كۆپ زەھەر تارقىتىۋاتقان ئافغانىستاننىڭ قوشنىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىمۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىك ئېغىر دەرىجىدە يامرىغان، زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە زەھەر ۋاستىسى بىلەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان رايونغا ئايلاندى.
ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)