خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ھايۋاناتلار يېمەكلىكىدە زەھەرلىك ماددىلار تەركىبى بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ شۇنداقلا مەزكۇر جايدىكى خەلقنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا گېزىتلىرىدە بېرىلىۋاتقان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەرلىك يېمەكلىكلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرىگە تا ھازىرغىچە، ئېنىق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان ھادىسىلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تاشقى دۇنياغا " بۇ پەقەت بىر قىسىم قانۇنسىز قۇرۇلغان زاۋۇتلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش چارە - تەدبىرلەرنى قوللانماقتا" دەپ بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا يېمەكلىكلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ئۆمىگىدىكىلەرنىڭ خىتايدا مۇناسىۋەتلىك شىركەت خادىملىرى بىلەن بىۋاستە سۈزلىشىش ياكى كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئوبزورچىسى ليۇ شىيۇ " خىتايدىكى زەھەرلىك يېمەكلىكلەر پەقەت ھايۋاناتلار يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن،خىتاي پۇقرالىرى ئۇنىڭدىن ئانچە ئەجەپلەنمەيدىغان بولۇپ قالدى" دەپ بىلدۈرگەن.
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك يېمەكلىكلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، خىتايدا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تا ھازىرغىچە بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار بولمىغان. چۈنكى خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە خەلققە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەسلىكنى بۇيرۇق قىلغان. (مېھرىبان)