جۈمە كۈنى كوستارىكا سەھىيە مىنستىرلىقى خادىملىرى، ئىچىدە ئىنسان سالامەتلىكى ئۈچۈن خەتەرلىك بولغان خىمىيىۋىي ماددا بارلىقى بايقالغان خىتاينىڭ 350 قۇتا چىش پاستىسىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ بۇ خىل چىش پاستىسى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ سېتىلىدىكەن.
كوستارىكا سەھىيە مىنىستىرى مارىيا لوۋىيسا ئارىلانىڭ ئېيتىشىچە، كوستارىكانىڭ پايتەختى سان خوزى شەھىرىدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 306 قۇتا چىش پاستىسى ۋە كوستارىكانىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان لىبېرىيا شەھىرىدە، 56 قۇتا چىش پاستىسى مۇسادىرە قىلىنغان بولۇپ ، بۇ چىش پاستىلىرىدا ، ئادەتتە توڭلىتىشقا قارشى ئىشلىتىلىدىغان دېتلىن گېلىكول دەپ ئاتالغان بىر خىمىيىۋىي ماددا بايقالغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، سەھىيە مىنستىرلىقى جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەنلىكىنى، لېكىن ھازىرغىچە بىرەر كىشىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاغرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاۋسترالىيە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ۋە پاناما قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بايقالغان زەھەرلىك چىش پاستىسى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى پانامادا ، خىتاينىڭ چىش پاستىسىدا بايقالغان دېتىلېن گېلىكول ماددىسىنىڭ يۆتەل دورىسىغا ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى، ئاز دېگەندە 51 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىكەن.(ئۆمەر قانات)