"فرانسىيە ئاگېنتلىقى" نىڭ ياڭگۇن شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن بېرمىدا ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ھەربىي ھۆكۈمەت 9 - ئاي ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىدىن 445 ئادەمنى قولغا ئېلىپ، ئۇلاردىن 650 كىلوگرام ئەپيۇن مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار 20% نى تەشكىل قىلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئانفىتامىن تابلىتكىسى ئىشلەپچىقىرىشتا بېرما ھازىر ئافغانىستاندىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان. ئۆتكەن ئايدا بېرما ساقچىلىرىمۇ ئانفىتامىن تابلىتكىسىدىن 478 مىڭ تابلىتكا زەھەرلىك دورىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان.
ئامېرىكا بېرمىنى جەنۇبىي ئاسىيادا زەھەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەت دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خىتايمۇ ھازىر بېرمىنى ئۆزىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كېڭەيتىۋەتتى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. (ۋەلى)