خىتاي زەھەر ئەتكەسچىسى ئامېرىكىدا قولغا چۈشتى


2007.07.25

ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى 44 ياشلىق خىتاي دورا سودىگىرى يې جېنلىنى قولغا ئالدى.

يې ئەسلىدە شاڭخەيدە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن مېكسىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە بىر دورا شىركىتى ئېچىپ دورا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم مېكسىكا شىركەتلىرىگە ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى تورمۇزلاپ ساراڭلارچە روھلاندۇرىدىغان بىر خىل زەھەرلىك دورا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان خىمىيىلىك ماددا مېتاپېمتامىننى كۆپلەپ ساتقان.

بۇ يىل مارت ئېيىدا ساقچىلار ئۇنىڭ مېكسىكا شەھىرىدىكى ھەشەمەتلىك داچىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۆيىدىن 270 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلنى قولغا چۈشۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى "دۇنيادىكى زەھەر ئەتكەسچىلىككە ئائىت ئەڭ كوپ نەق پۇل قولغا چۈشكەن دىلو "دەپ ئاتىغان.

25- ئىيۇل ۋاشىنگتون پوست گېزىتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتى ۋېستفىيلد ۋېئاتون سودا سارىيىدا قولغا چۈشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يې جېنلىنىڭ مېكسىكىغا قۇرغان دورا شىركىتى قانۇنسىز ھالدا 86 توننا چەكلەنگەن خىمىيىلىك ماددىنى مېكسىكىغا ئىمپورت قىلغان.

ئۇنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سوتخانا ئالدىدا ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا ، يې مېكسىكىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى، مېكسىكا رەھبەرلىرى تەرىپىدىن " ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆز بويامچىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ئىكەن.

ئەمما ئامېرىكا زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، ئۆزلىرىنىڭ يېنى قانۇن تورىغا چۈشۈرۈشتە ئىسپات ماتېرىياللارنى ئىنتايىن تەپسىلىي ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بىز تەكشۈرۈشنى بەك تەپسىلىي ئېلىپ باردۇق" دەيدۇ.

يې جېنلى ھازىر زەھەرلىك چېكىملىكسىمان دورا ئېفېدرىن قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، قانۇنسىز قورال ساقلاش ۋە قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى. ھازىر يې جېنلىنىڭ دېلوسى داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە سوت قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.