ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىن20 مىليون تال خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالدى

14- ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق شىركىتى بولغان ماتتېل شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىن جەمئىي 20 مىليون دانە خىتايدا ئىشلەنگەن خەتەرلىك ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن يىغىۋېلىنغان خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنىڭ توققۇز مىليون دانىغا يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى2006 - يىلى 11 - ئايدا خىتايدا ئىشلەنگەن 8 تۈرلۈك ئويۇنچۇقنى يىغىۋالغان ئىدى.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىدا مۇئەييەن نىسبەتتىكى زەھەرلىك مادا، قوغۇشۇن بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى ، ماتتېل 1.5 مىليون دانە خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئىدى. بۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ماتتېل شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاز دېگەندە ئۈچ بالا قوغۇشۇنلۇق ئويۇنچۇقتىن زەھەرلىنىپ ئۆچەي يولى تېشىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قېلىنغان . ئامېرىكا ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى بولسا بالىلارنىڭ زەھەرلىنىشىگە سەۋەب بولغان بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئامېرىكا ماتتېل شىركىتىگە ئىشلەپ بەرگەن خىتاي ئويۇنچۇق شىركىتى بولغان لىدا سانائەت شىركىتىنىڭ نىڭ باشلىقى جاڭ شۇخوڭ ئالدىنقى كۈنى شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىدا ئۆزنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋالغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكىغا بالىلار ئويۇنچۇقى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)