خىتاي " جۇۋاۋا دېلوسى" نى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ياپونىيىدە ئىش باشلىدى
2008.02.03
يېقىندا ياپونىيىدە 200 دىن ئارتۇق ياپونلۇقنىڭ خىتاينىڭ توڭلىتىلغان جۇۋاۋىلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن، بۇ ئىككى دۆلەت دائىرىلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان ئىدى. ياپونىيە دائىرىلىرى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر جۇۋاۋىلاردا زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى كورسىتىشكەن ھەمدە ياپونىيىگە خىتاي يېمەكلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق پىكىرلىرى كەڭ ئەۋجى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.
2-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاينىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، مەزكۇر دېلونى تەكشۈرمەكچى بولغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى ياپونىيە ئەمگەك ۋە يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.
جۇۋاۋا مەسىلىسىنىڭ بۇنداق جىددىي مۇئامىلىگە ئۇچرىشى شۇكى، ياپونىيە ساقچىلىرى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن جۇۋاۋىلارنى ئورىغان ماتېرىيالدىن مەلۇم زەھەرلىك ماددا تاپقان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيىگە سېتىلىدىغان جۇۋاۋىلارغا قەستەن زەھەرلىك ماددىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەيدىغان قىياسلار پەيدا بولغان. ئەمما، خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالنى رەت قىلىپ، خىتاي يېمەكلىرى جۈملىدىن جۇۋاۋىلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.
مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ قالغان، خىتايدا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى تارىخىغا، بولۇپمۇ، نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن ياپونلارغا قارشى كەيپىيات ئەۋجى ئالغان بولسا، ياپونىيىدىمۇ ئوخشاشلا خىتايغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتلىرى كۈچەيگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيىدە توڭلىتىلغان خىتاي جۇۋاۋىسىدىن زەھەرلەنگەن ئادەم سانى 200 دىن ئاشتى
- خىتاي يېمەكلىرى خەتەرلىك
- خىتاي ئامېرىكىدىن ياڭيۇ ياپراقچىسى ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى
- خىتاي دۆلەتلىك دورا ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا بازاردىن يېغىۋىلىنغان خەتەرلىك تاۋارلارنىڭ يېرىمى خىتاي ماللىرى ئىكەن









